تەيۋەندە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، تەيۋەن، خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.12.09

9‏-دېكابىر، «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» ھارپىسىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، تەيۋەن، خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرى ۋە فالۇنگۇڭ ۋەكىللىرى تەيۋەندە ئورتاق ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايونلاردىكى سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
«ئاسىيادا كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ناملىق بۇ يىغىننى تەيۋەن كىشىلىك ھوقۇق مەدەنىيەت جەمئىيىتى، تەيۋەن خىتايغا غەمخورلۇق قىلىش كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى ئورتاق تەشكىللىگەن.

يىغىندا ھەر قايسى ۋەكىللەر نۆۋەت بىلەن سۆز ئېلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل رايونلىرىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مائارىپنى بۇرمىلاش، بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش، دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇش....» قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: « بىز 2004-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسىنىڭ ئاغىزىدىن شۇنى بىلدۇق. 1980‏-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى باشلانغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىزدە 3 مىليون بوۋاقنىڭ ئانا قارنىدا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.»

ئىلھام مەخمۇت يەنە، يول خېتى يوق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ھېچنەگە مىدىرلىيالمايدىغانلىقىنى، مېھمانخانىدا ياتالمايدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئۈنۈملۈك مائارىپ تەربىيىسى ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دەيچىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىنىڭ جاسارىتى، موڭغۇللارنىڭ مىللىي ئىرادىسى ۋە روھىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار تۇپراقلىرىمىزنى تارتىۋېلىپ، دەرسلىك كىتابلىرىمىزنى ئۆزگەرتتى، موڭغۇللارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېگەن.

لېكىن، تەيۋەندىكى «جۇڭخۇا بىرلىكىنى ئالغا سۈرۈش پارتىيەسى» دېگەن بىر گۇرۇھنىڭ بىر تۈركۈم ئەزاسى يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.