تەيۋەن: «بىزدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا تاقابىل تۇرالايدىغان قالقان سىستېمىسى مەۋجۇت»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-03-20
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ تەيۋەننى نىشانغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ ئۆتكەن ھەپتە تەيۋەن ئۆزىنىڭ خىتايدىن كېلىدىغان ھەربىي تەھدىتكە قارىتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى خىتاينىڭ يەنە بىر قېتىملىق كۈچ كۆرسىتىشى ئىكەن.

تەيۋەن تەرەپ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەيۋەن ئارىلىنى نىشانغا ئالغان تەخمىنەن 1500 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «شەرق-شامىلى-16» ناملىق ئوتتۇرا مۇساپىلىك بومبىسىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى بىرىنچى قېتىم تىلغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ «شەرق شامىلى-16» ناملىق ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى 2015-يىلى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلغان بولۇپ، ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 1500 كىلومېتىر ئارىلىققا، يەنى ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋادىكى ھەربىي بازىسىغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن.

ھالبۇكى، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بۈگۈن خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «تەيۋەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قالقان سىستېمىسى خىتاينىڭ ‹شەرق شامىلى-16› ناملىق ئۇچار بومبىسىنى توسالايدۇ. بىز ئۇنى تېرىتورىيەمىزنىڭ سىرتىدىكى دائىرىدىلا ئېتىپ چۈشۈرەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە.»

كۆزەتكۈچىلەر، 200 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەگە ئىگە تەيۋەننىڭ 2 مىليون 300 مىڭ كىشىلىك زور ئەسكىرىي كۈچكە ئىگە خىتايغا بەرگەن بۇ كەسكىن جاۋابىغا دىققەت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت