ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تېز پوچتا مۇلازىمىتى ۋاقىتلىق توختىتىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-13
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تېز پوچتا مۇلازىمىتى توختىتىلىپ، ھەتتا بەزى جايلاردا مۇلازىمەت مەركەزلىرى ۋاقىتلىق تاقالغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، دائىرىلەرنىڭ 19‏-قۇرۇلتايدىن بۇرۇن ئالغان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19‏-قۇرۇلتىيى 18‏-ئۆكتەبىردە باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو يېقىندا يەرلىك خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن قۇرۇلتاي مەزگىلىدە «چوڭ-كىچىك» ھەرقانداق بىر ۋەقە چىقىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. يەرلىك دائىرىلەر 12‏-ئۆكتەبىر چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتنىشىنى توختىتىپ، مال توشۇش پونكىتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى ۋاقىتلىق توختاتقان.

تېز پوچتا يوللانما مۇلازىمىتىنى توختىتىش ئىشى بېيجىڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدىمۇ يولغا قويۇلغان. خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 11‏-ئۆكتەبىردە بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ تەدبىرنىڭ بېيجىڭدىمۇ يولغا قويۇلغانلىقىنى، لېكىن پۈتۈنلەي توختىتىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر خەۋەردە بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدىن سالىدىغان ۋە بېيجىڭغا كېلىدىغان تېز پوچتا يوللانمىلىرىنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، تاپشۇرۇۋېلىش ۋاقتى ئۇزارغان. خەۋەردە يەنە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كېلىدىغان ياكى بۇ رايونلارغا بەتكۈزىلىدىغان ۋە ياكى بۇ رايونلاردىن ئۆتىدىغان تېز پوچتا يوللانمىلىرىدىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بىراق ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم پوچتا يوللانمىلىرىنى تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ بىر خادىمى 13‏-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا رايوندىكى بەزى جايلاردا تېز يوللانما مۇلازىمىتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى دەلىللەپ، «ئۇنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس» دېگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت