ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «تىبەتلىشىشى» دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.09.05

ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي مۇھىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر داۋاملىق ھالدا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۈگۈن فىرانسىيەدىكى «يەر شارىلىشىش» مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ خىتايدىكى يېڭى تىبەت بولۇپ قالامدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئەنە شۇ خىلدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ بىرىدۇر.

بېلگىيەلىك فوتوگراف ناتاشا ماخيۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى رەسىملىك دوكلاتى ئاساسىدا يېزىلغان بۇ ماقالىدا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ-قات ئۇچۇر قاماللىرى سەۋەبلىك تاشقى دۇنياغا ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدە ئازغىنە خەۋەرلەرنىڭلا مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنىڭدەك مەزكۇر رايوندا ئىجرا بولۇۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە چېتىشلىق تەدبىرلەرنىڭ «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.

ماقالىدا يەنە چېن چۇەنگونىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تىبەتتە ئىجرا قىلغان سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتمەستىن تەكرارلاۋاتقانلىقى، يەر ئاستى بايلىقى مول بۇ رايونغا داۋاملىق ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆچۈپ كېلىپ مۇنبەت يەرلەرنى ئىگىلىۋالغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. شۇنىڭدەك چېن چۇەنگونىڭ «مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۇغۇرۇلۇش» دېگەن نامدا  ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا  رىغبەتلەندۈرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى تېزدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چېن چۇەنگونىڭ تىبەتتىكىگە ئوخشاش دىنىي ئېتىقادنى چەكلەشكە زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.

مۇھاجىرەتتىكى بەزى  ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇرلار دىيارىدا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تاشقى دۇنياغا ئەينەن ئىنكاس قىلىشتا زور ئەھمىيەتلىك» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.