بېيجىڭدىكى ھەر قايسى دۇكانلاردا تىغلىق ئەسۋابلارنى سېتىش چەكلەنگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-11
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان تىغلىق ئەسۋابلارنى كونترول قىلىش سىياسىتى بېيجىڭغا كېڭەيگەن.

بېيجىڭ پۇقرالىرىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بېيجىڭدىكى ھەر قايسى دۇكان، سودا مەركەزلىرىگە پىچاق، قىڭراق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلارنى سېتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى ئۇقتۇرغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تىغلىق ئەسۋابلارنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، بەزى جايلاردا پۇقرالارنىڭ 10 سانتىمېتىردىن ئۇزۇن تىغلىق ئەسۋابلىرىغا ئىككىلىك كود ۋە كىملىك نومۇرى باستۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

يەنە بەزى جايلاردا گۆش دۇكىنى ۋە ئاشخانىلارنىڭ قىڭراق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلىرىنى زەنجىرلەپ قويغان. بۇ تەدبىرلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 19‏-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە چوڭ-كىچىك ھەرقانداق ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا ئاساسەن يولغا قويۇلغان ئىدى.

بېيجىڭ پۇقرالىرىنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 10‏-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىكى دۇكان ۋە سودا سارايلار ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە سېتىشقا چىقىرىپ قويغان تىغلىق ئەسۋابلىرىنى يىغىۋېتىشكە باشلىغان. بېيجىڭلىق بىر خىتاي پۇقراسى رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، تاللا بازىرى ۋە دۇكانلاردىكى تىغلىق ئەسۋابلار 19‏-قۇرۇلتاي ئاخىرلاشقۇچە يىغىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭلىق يەنە بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭدىمۇ تىغلىق ئەسۋابلارنى ئىسمى بىلەن سېتىۋېلىش، ياققا يۇرتتىن كەلگەنلەرگە تىغلىق ئەسۋابلارنى ساتماسلىق، سېتىشقا توغرا كەلسە خېرىدارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىنى ئېلىپ، مالنى پوچتا ئارقىلىق ئۇنىڭ ئادرېسىغا ئەۋەتىپ بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19‏-قۇرۇلتىيى 18‏-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ. دائىرىلەر قۇرۇلتاي ھارپىسىدا قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئېلىپ، ئەرزدارلارنى بېيجىڭدىن قوغلىغان ۋە مېھمانخانىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتاق بېرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت