ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور كونتروللۇقى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-09-18
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

تور بىخەتەرلىكى 21-ئەسىردە پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردۇر. ئەمما ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلار دىيارىدا «تور بىخەتەرلىكى» دېگەندە تورغا باشقىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ئەمەس، بەلكى توردا «سەزگۈر» يازمىلارنى يوللاش، ئوقۇش ياكى ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار رايونىدا بۇ تۈردىكى كونتروللۇقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 17-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى پائالىيىتى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دا باشلانغان. پائالىيەتتە ھەرقايسى تورداشلاردىن «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكى» ئۈچۈن تور ساھەسىگە قارىتىلغان نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «قانۇنسىز» مەزمۇنلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سېنتەبىر ئېيى كىرگەندىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تور ئالاقىسى، جۈملىدىن ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغان كونتروللۇق تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، ئۆز ئالدىغا ئالاقە توپلىرىنى قۇرغۇچىلارغا قارىتا «كىم توپ قۇرسا شۇ كىشى توپتىكى مەزمۇنلارغا مەسئۇل بولۇش» ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلغان. شۇنىڭدەك توپ ئەزالىرىنىڭ جەزمەن ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسى ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە تەپسىلىي خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپچىلىكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنى «توردا قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يانفونلىرىنى خالىغانچە تەكشۈرۈش، بىرەر سەزگۈر سۆز-جۈملە چىقسا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت