پرېزىدېنت ترامپ سودىدىكى ئادالەتسىزلىككە ئامېرىكانىڭ ئەمدى سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-11-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن كېيىن «سودىدىكى قېلىپلىشىپ قالغان ئۇنداق ئادالەتسىزلىك» كە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى ئىزچىل 1‏-ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ «ئۆز-ئارا ئادىل سودىغا ئەمەل قىلىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ب ب س نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، يىغىندا پرېزىدېنت ترامپنىڭ سۆزى بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل كەسكىن پىكىر توقۇنۇشىنى پەيدا قىلغان. شى جىنپىڭ يىغىندا قىلغان سۆزىدە يەرشارىلىشىشنى توسۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆپ قۇتۇپلىشىشنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى جۈمە كۈنى ۋىيېتنامنىڭ داناڭ شەھىرىدە باشلانغان ئىدى.

يىغىندىن بۇرۇن پرېزىدېنت ترامپ خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن 253 مىليارد دوللارلىق سودا توختامى ئىمزالىغان. چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ خىتاينىڭ بانكا، پاي چېكى، سۇغۇرتا بازىرىنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغان. پرېزىدېنت ترامپ بۇ قېتىم خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشىپ، خىتاينىڭ گۇگوڭ خان سارىيىدا زىياپەت بېرىلگەن تۇنجى چەتئەل رەھبىرى بولۇپ قالغان.

ئاقساراينىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا قەيت قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ 2 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدە ئىككى تەرەپ شىمالىي كورېيە يادرو تەھدىتى، خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش، ئىككى تەرەپنىڭ سودا تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش، زەھەرلىك چېكىملىك، تور ھۇجۇمى، ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش، ب د ت قانۇنى ۋە تېررورلۇققا قارشى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىش، قاچقۇنلارنى توسۇش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، بۇ ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن. ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىككى تەرەپ سودىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، بىراق شىمالىي كورېيە، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق مەسىلىلەردىكى پىكىر ئىختىلاپى ھەل بولمىغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت