ترامپ-شى ئۇچرىشىشىدىن بىرەر بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە چىقمىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-04-08
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش جۈمە كۈنى ئاياغلاشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاخباراتقا بايانات بەرگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئاخباراتلاردا ئۇچرىشىشتىن بىرەر بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە چىقمىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

دونالد ترامپ ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئىشىنىمەنكى كۆپلىگەن يوشۇرۇن مەسىلىلەر ھەل بولۇپ كېتىدۇ. بىز مۇناسىۋەتلىرىمىزدە زور ئىلگىرىلەشلەر ھاسىل قىلدۇق.»

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭمۇ سۆھبەت ھەققىدە ئىجابىي پىكىرلەرنى بايان قىلدى. ئۇمۇ مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ «ئۆزگىچە» بولغانلىقنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى «ئامېرىكىدا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆھبەتتە ھاسىل قىلغان پىكىر بىرلىكلىرى ھەققىدە ھېچ نەرسە دېيىلمىگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، يىغىندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بىردىن بىر كونكرېتنى تېما بولسا ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپ بىر 100 كۈنلۈك پىلان بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى پەرقلەرنى ھەل قىلىشقا كېلىشكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، يۇقىرىقىلارنى ئاشكارىلىغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر رۇس، خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ يەنە ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئامېرىكا تەرەپتە كۆرۈلىدىغان قىزىل رەقەمنى كېمەيتىشكە قىزىققانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئامېرىكا تەرەپتە كورۇلدىغان قىزىم رەقەم مەسىلىسىنى دونالد ترامپ پرېزىدېنتلىق رىقابىتىگە چۈشۈش جەريانىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئالغان ۋە بۇنى ئۆز خىتاي سىياسىتىدىكى مۇھىم نۇقتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمى سۆھبەتتە خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ياكى قويۇلمىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

ئەمما، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دونالد ترامپنىڭ بۇ مەسىلىگە سەل قارىماسلىقى لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ بىرلەشمە مەكتۇپلارنى ئېلان قىلغان ۋە ئۇنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى ھېس جىنپىڭ بۇ قېتىمى زىيارەت جەريانىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنى خىتايغا تەكلىپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت