ئۇيغۇر ئىلى خىتايدىكى تۇبېركۇليوز كېسىلى ئەڭ ئېغىر رايون ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-03-24
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئىلى خىتايدىكى ئۆپكە سىل كېسىلى ‏-تۇبېركۇليوز ئەڭ ئېغىر رايون ئىكەن. خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى « دۇنيا تۇبېركۇليوز كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، ئۇيغۇر رايونى ئۆپكە ياللۇغى-تۇبېركۇليوز خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر رايون ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن قالسا، تىبەت بىلەن خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسى ئەڭ ئېغىر رايون ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، 2016‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر خىتايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 100 مىڭ ئادەمنىڭ 65 نەپىرى تۇبېركۇليوز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، بۇنىڭ تېخى2011‏-يىلغا سېلىشتۇرغاندا 14% ئازايغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يەنە، خىتايدىكى ئۆلكە رايونلار ئىچىدە ئۇيغۇر رايونى تۇبېركۇليوزدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايون ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوندا 2015‏-يىلى ھەر 100 مىڭ ئادەمدىن 5.184 كىشىنىڭ تۇبېركۇليوزدا يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

PLOS.ORG ناملىق بىر توردا ئېلان قىلىنغان تۇبېركۇليوز ۋە ئەيدىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا دائىر بىر تەتقىقات دوكلاتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىدە ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى 2007‏-يىلدىن 2009‏-يىغا قەدەر ئازايغان. بىراق 2010‏-يىلدىن 2013‏-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆرلىگەن.

خىتاي سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇبېركۇليوز ئۇيغۇر رايونى، تىبەت ۋە گۈيجۇدا ئەڭ كۆپ يېزا-قىشلاقلارغا تارقالغان. خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، بۇ رايونلاردا ئۆپكە ياللۇغىغا قارشى سەھىيە ساقلىق پروگراممىلىرىغا مەبلەغ سېلىش، كەسپىي خادىملارنى تەربىيىلەش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى تۇبېركۇليوز بىمارلىرىغا پايدىلىق سىياسەتلەرنى چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېزا -قىشلاردا ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت