رابىيە قادىر خانىم «تۈركىيە ئۆزىنىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا نامايان قىلدى» دېدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.01.19

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۈركىيەدىكى رېينا تېررورچىسىنىڭ تىرىك قولغا چۈشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك ساقچىلىرىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا رابىيە خانىم، تۈرك ساقچىلىرىنىڭ 39 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان دائىش تېررورچىسى تۇرۇۋاتقان ئۆيگە بۇ تېررورچىدا قورال بولۇش ۋە ئۆزىنى پارتلىتىش خەۋپىگە قارىماي تۇرۇپ بۆسۈپ كىرىپ، تېررورچىغا قورال ئىشلەتمەي تۇرۇپ ئۇنى بويسۇندۇرۇپ، تىرىك قولغا چۈشۈرۈشىنى «پەقەت بىر ماھارەت ۋە تەجرىبە مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي ھەم قانۇنىي ئەخلاق مەسىلىسى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ سۆزىدە، بۇ جاسارەتنىڭ خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى»نىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باشقىچە ئەھمىيەتلىكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «ئەگەر ئەسەنيۇرتتىكى شۇ سەھنىدە خىتاي ساقچىلىرى بولغان بولسا پۈتۈن بىنا قوراللىق ساقچى ۋە تانكىلار بىلەن قورشالغان، ساقچىلار بىنا ئىچىگە كىرمەستىن، ئۆي ئىچىگە بومبا ئاتقان ياكى ئاپتوماتتا ئوققا تۇتقان بولاتتى. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقىنى دەل شۇ خىل ئەھۋالدۇر» دېگەن.

رابىيە خانىم باياناتىدا، 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بىر غاردا يوشۇرۇنۇپ ياتقان، قولىدا قورالى بولمىغان، 56 كۈن قېچىپ مادارىمۇ قالمىغان، ئارىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بولغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنى ئوت چاچار ئارقىلىق كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن «28 تېررورچىنى پاك-پاكىز تازىلىۋەتتۇق» دەپ تەنتەنە بىلەن خەۋەر بەرگەنلىكىنى، تېخى مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە نامەلۇم بىر ۋەقەگە چېتىشلىق 3 نەپەر تېررورچىنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ، رېينا تېررورچىسىنىڭ تىرىك قولغا چۈشۈرۈلۈشىنى خىتاي ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرما قىلغان ۋە «بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈركىيە دۆلىتى ئۆزىنىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا نامايان قىلدى» دېگەن.

تۈركىيە قوراللىق ساقچىلىرى يېڭى يىل كېچىسى رېينا كۇلۇبىغا ئاپتومات بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ 39 كىشىنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن تېررورچى ئابدۇقادىر ماشارىپوفنى ئىستانبۇلنىڭ ئەسەنيۇرت رايونىدىكى بىر بىنادا 16-‏يانۋار كۈنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇ قولغا چۈشكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ قوقان شەھىرىدىن بولغانلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى كۈنلەردە بۇ تېررورچىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقى ھەققىدە تارقالغان خەۋەرلەرنىڭمۇ يالغانلىقى مەلۇم بولغان. رابىيە قادىر خانىم باياناتى داۋامىدا بۇ مەسىلىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، رېئىنا تېررورچىسىنىڭ تىرىك تۇتۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەمەسلىكى ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، بولۇپمۇ خىتاي ئاخباراتلىرىدا بېرىلگەن ساختا خەۋەرلەرنىڭ ئىنكار بولۇپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ رېئىنا قەتلىئامىدىن كۈتكەن پۇرسەتلىرىىنىڭمۇ سۇغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.