ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلىرى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەسەمياد قىلىشنى داۋاملاشتۇرماق

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.05.29

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىكى ئورگانلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە قارشى كۈرەش قىلىش قەسەمياد يىغىنلىرى ئىزچىل داۋاملاشماقتا. 27-ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قەسەمياد مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلارنىڭ باشچىلىقىدا قەسەمياد قىلىنغان ۋە ۋەدىنامىگە ئىمزا قويۇلغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ پارتىيە سېكرىتارلىرى ۋە مۇئاۋىن سېكرىتارلار، باشلىقلىرى ھەمدە كومپارتىيە ئەزالىرى بولۇپ، 420 ئادەم قاتناشقان.

بىر قىسىم ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار، يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ پارتىيە سېكرىتارى دولقۇن توختى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر ئابدۇراخمان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى سىياسىي بۆلۈم مۇئاۋىن باشلىقى ئالىم ئاتاۋۇللا قاتارلىقلار ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى كۈرەش قىلىپ، «كوممۇنىستىك پارتىيىگە سادىق بولىدىغانلىقلىرى»ھەققىدە ۋەدە بېرىشكەن.

يىغىندا 100 دىن ئارتۇق كومپارتىيە گۇرۇپپىلىرىغا مەسئۇل كادىر ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇللىقىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن ۋەدىنامىگە ئىمزا قويغان.

مۇنداق خىلدىكى يىغىنلارنىڭ يەنە بىرى 26-ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئۈرۈمچىگە شەھىرىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىدارە-ئورگانلارنىڭ كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان مەزكۇر يىغىندا بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلار «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى كۈرەش قىلىش ۋەدىلىرىنى بەرگەن ۋە كوللېكتىپ قەسەم قىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە قارشى جەڭ ئېلان قىلىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇر كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈش، قەسەم بېرىش ۋە ۋەدىنامىگە ئىمزا قويۇش، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئوچۇق خەت ۋە باياناتلار ئېلان قىلىش ھەرىكەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىنمۇ ئاشۇرىۋېتىلگەن ئەسەبىي ھەرىكەت دەپ تەنقىد قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.