خىتاي ئەمەلدار بىر قىسىم ئۇيغۇر پارتىيەلىك كادىرلارنى «ئېتىقاد ھايانكەشلىرى ۋە ئاسىيلىرى» دەپ تەنقىدلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-09-19
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي ئەمەلدار ئۇيغۇر پارتىيىلىك كادىرلارنى ئىسلامغا قارشى ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ گۇ بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە بىر قىسىم پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىرلارنى «ئېتىقاد ھايانكەشلىرى» ۋە «ئېتىقاد ئاسىيلىرى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە «ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بىر قىسىم پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ ماركسىزمنىڭ ھەقىقىتىگە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ۋە سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىگە قەلبىدىن ئىشەنمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ پەقەت مەنپەئەت ئۈچۈنلا پارتىيەلىك ماركىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغانلىقى» ھەققىدە قاقشىغان.

بۇ تۈردىكى كادىرلارنىڭ ئېغىزىدىن «ئاللاغا شۈكۈر» دېگەندەك سۆزلەرنى چۈشەرمەيدىغانلىقى، دىنىي زاتلارغا ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەت قىلىپ كېتىدىغانلىقى ۋە پېنسىيىگە چىققاندا ئۆزىنى ئازادلىققا چىققاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان مەزكۇر ئەمەلدار، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيىلىك كادىرلىرىنىڭ دىنىي مەسىلىدە مەيدانى ئېنىق بولۇشىنى، «ئۆزىنى مەن ماركسىزمچى دېيەلىشى ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى جاكارلىيالىشى» ھەر يەردە كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنى مۇسۇلمانلىقتىن ئاشكارا يۈز ئۆرۈشكە قىستاۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. كورلا شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىق ئەنۋەرجان ئەيسا، تۈنۈگۈن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ «ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى پوزىتسىيەسى» نى ئاشكارا جاكارلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت