«لې موندې گېزىتى»: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئۈستى ئوچۇق تۈرمە»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.01.22

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې گېزىتى» يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«لې موندې گېزىتى»نىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى برېيس پېدرولېتتې ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ يازغان ماقالىدا، ئۆزىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا قىلغان سەپىرىدە كۆرگەن قاتتىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى تەسۋىرلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق تەكشۈرۈش، تەقىب، نازارەت ۋە ۋەھىمە ئاستىدا ياشاۋاتقان تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك ئالاھىدە تەكشۈرۈلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىدىغان ئادەمنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەس»لىكى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ئۇ بۇ ئەھۋالنى تەسۋىرلەپ: «شىنجاڭدا مىللەتلەرنى ئايرىش نورمال ئەھۋال. قولىدا پاسپورتى بار ئۇيغۇرلار 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن بېرى پاسپورتلىرىنى دائىرىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. كوچا ئاپتوبۇسلىرىدا ياكى پىيادىلەر يولىدىكى تەكشۈرۈشلەردە خىتايلار توسقۇنلۇقسىز ئۆتۈپ كېتىۋېىرىدۇ. بىراق ئۇيغۇرلار ئۇنداق قىلالمايدۇ. قولىدا يۈز تونۇش ئاپپاراتى كۆتۈرۈۋالغان ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى توسۇۋېلىپ، ئۇلارنى تەكشۈرۈشى دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇنداق قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىشىنىڭ ھېچقانداق قانۇنى چەكلىمىسى يوق ئىكەن. ئۇ ماقالىسىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەنلىكى، لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى مەقسىتى ئۇلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«لې موندې گېزىتى»نىڭ « شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» سەرلەۋھىلىك مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە، تەكماكان ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى ئايلىنىپ چىقسا، بۇ كىشىلەردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەسۋاپلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغان بىر شەھەرگە كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. بۇ «لې موندې گېزىتى» نىڭ يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلا رھەققىدىكى 3‏-ماقالىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.