ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.06.20

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى، خەلقئارا مۇساپىرلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 20-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر باياناتتا «خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى» نىڭ 33-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تىلغا ئېلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىش تەلەپ قىلىندى.

مەزكۇر باياناتتا، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا 2015-يىلى 5-ئايدا 100 نەچچە ئۇيغۇرنى، 2016-يىلى يەنە 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەن قىلمىشلىرى، 2009-يىلى 12-ئايدا كامبودژا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى، 2011-يىلى 2013-يىللىرى مالايشىيا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، شۇنداقلا پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋاملىشىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ پاناھلىق تىلەپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار تىلغا ئېلىنىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.