ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىچىك كۆمۈر كانلىرى تاقىلىپ، چوڭ شىركەتلەر كۈچەيتىلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-07-16
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىچىك كۆمۈر كانلىرىنى تاقاپ، كۈچنى چوڭ كانلارغا مەركەزلەشتۈرۈشكە كىرىشكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 مىڭ توننىدىن تۆۋەن بولغان كىچىك كۆلەمدىكى كانلاردىن 109 نى تاقاشنى قارار قىلغان.

«سىنا تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي كۆمۈر كان دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈرچىلىك سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يەنى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئىسلاھات باشلىغان بولۇپ، بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 350 كۆمۈر كانىنىڭ بىر قىسمىنى تاقاپ، 2016-يىلى، 270 كە چۈشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 مىڭ توننىدىن تۆۋەن بولغان 200 كۆمۈر كانىنى قەدەممۇ-قەدەم تاقاش چارىسى قوللىنىپ، ھازىرغىچە ئۇنىڭ 105 نى ئىشتىن توختاتقان، بۇ يىل بولسا يەنە 109نى تاقاشنى قارار قىلغان.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ كۆمۈر سانائەت شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ قولىدا بولۇپ، بۇلار شەرقىي جۇڭغار، قۇمۇل ۋە ئىلى كۆمۈرچىلىك بازىلىرىغا مەركەزلەشكەن.بۇ يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن 68 مىليون توننا كۆمۈر قېزىلغان بولۇپ، بۇ نىسبەت يىلدىن يىلغا ئاشۇرۇلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى «غەربنىڭ كۆمۈرلىرىنى شەرققە توشۇش» نامىدىكى لايىھە بويىچە قۇمۇل، شەرقىي جۇڭغار قاتارلىق كۆمۈر بازىلىرىدىكى كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ، ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرماقتا.

تولۇق بەت