ئۇيغۇر ئېلىدا «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت جىددىي داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-05-25
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، خوتەننى بۇنىڭدىكى نۇقتىلىق سىناق مەركىزى قىلغان ئىدى.

خوتەن گېزىتىنىڭ بۈگۈن تارقاتقان ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، يۇقىرىدىكى بۇ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى باشلىنىپ، 23-مايغىچە بولغان ئارىلىقتا خوتەن بويىچە جەمئىي 1 مىليون 212 مىڭ 695 نەپەر كىشى تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ خوتەندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 5.50 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن.

خەۋەردە يەنە، بۇ خىزمەتنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن جايلاردىكى سەھىيە خادىملىرىنىڭ جىددىي خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى» غا ئاپتونوم رايون مالىيىسىدىن 180 مىليون سوم ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ دائىرىسى رايوندىكى پۈتۈن شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلايدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئومۇميۈزلۈك ھالدا كەڭ دائىرىدە، مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ مەقسىتى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا گۇمان قوزغىغان ئىدى.

يېقىندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنى ۋە كۆچمە نوپۇسلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئالاھازەل 40 مىليون كىشىنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى ئامبارلاشتۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رازىلىقى ۋە تولۇق خەۋىرى بولماي تۇرۇپ DNA ئۇچۇرىنى يىغىشنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئالدىنقى كۈنى يەنە، «تەبىئەت» ژۇرنىلى مەخسۇس ھالدا ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ئەھۋالى ۋە يېقىندا خەلقئارالىق شىركەتلەردىن سېتىۋالغان DNA ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىر تەكشۈرۈش ماقالىسى ئېلان قىلدى. ماقالىدە زىيارەت قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور DNA ئامبىرى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى «سىياسىي مۇددىئالىرى» ئۈچۈن ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت