ئۇيغۇر رايونىدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز بەدەن تەكشۈرۈش باشلانغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.06.15

ئۇيغۇر رايونىدا 2-نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز بەدەن تەكشۈرۈش يېقىندا باشلانغان.

شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشكە بىر مىليارد 500 مىليون سوم خىراجەت قىلىنغان، 17 مىليون كىشى تەكشۈرۈلگەن؛ بۇ قېتىملىقىغا 17مىليون 850 مىڭ سوم خىراجەت ئايرىلغان ۋە 21 مىليون كىشى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان. شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە يەرلىك كۆچمە نوپۇسلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا قېتىلغان.

بۇ خىل ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز بەدەن تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنچى ‏قېتىملىقى بۇلتۇر 9-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە تەكشۈرۈشنىڭ تۈرى ۋە مەزمۇنى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ كەڭ ۋە كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. دىققەت تارتىلغان نۇقتا، د ن ئا قاتارلىق سەزگۈر ئۇچۇرلارنىڭ توپلىنىشى ۋە ئۇنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللىنىش ئېھتىماللىقى بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.