خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ھەرىكىتىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.12.14

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋاتقانلىقىغا ئائىت دوكلات ئېلان قىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى «يالغانچىلىق قىلدى،» دەپ ئەيىبلىگەن.

چارشەنبە كۈنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا مىليونلىغان خەلقنىڭ DNA ئەۋرىشكىسى قاتارلىق بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋاتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ بۇنى «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» دېگەن ساختا نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى. مەزكۇر دوكلات س ن ن تېلېۋىزىيەسى، «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتاينىڭ كومپارتىيەسىنىڭ ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «خەلق گېزىتى» چارشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىغا «بۇ تەشكىلات داۋاملىق خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر ئۈستىدە يالغان بايانلارنى بېرىپ كەلمەكتە. ھۆكۈمىتىمىز بۇنداق سۆزلەرگە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ،» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ھالبۇكى، «خەلق گېزىتى» ئۆز خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ بارماق ئىزى، كۆز قارىچۇقى، قان تىپى ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغقانلىقىنى ۋە ئۇنى ئارخىپلاشتۇرغانلىقى رەت قىلمىغان. ئەمما ئۇنىڭ يېڭى كىملىك كارتىسى ياساش ۋە نوپۇس ئىستاتېسكىسى ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بۇنداق ئۇچۇرلارنى يىغىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خەۋەردە جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۇرغۇنجان تۇرسۇن ئىسىملىك بىر نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، «د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىشنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دېيىشنىڭ ئاساسى يوق،» دېيىلگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز مەيلىچە كىشىلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ھوقۇقى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ب د ت دا بەلگىلەنگەن بىر قانچە ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» دېگەن ساختا نام ئاستىدا بۇ ئۇچۇرلارنى يىغىشىنى ئىنسان غۇرۇرى ۋە جىسمانىي ھوقۇققا قىلىنغان ئېغىر دەپسەندىچىلىك، دەپ كۆرسەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.