«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.06.14

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ قارارىغا ئاساسەن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتى» قۇرۇلغان ۋە بۇ جەمئىيەتنىڭ تۇنجى ئەزالار يىغىنى 13-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان.

يىغىندا، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى تىيەنۋېن سۆز قىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى ئالاھىدە ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، باش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى، ماركسىزم ئىدىيىسى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا چاقىرغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر جەمئىيەت رەئىسلىكىگە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان بېكىتىلگەن بولۇپ مەزكۇر بىرلەشمە يېقىندا ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ «ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتى» ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلان قىلىنىدىغان بارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت پروگراممىلىرىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىندولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ھەرىكىتى قوزغاپ، ئىككى يۈزلىمىچى ئىدىيە، ئىككى يۈزلىمىچى خاھىش ۋە ئىككى يۈزلىمىچى كادىر، ئىككى يۈزلىمىچى دىنى زات دېگەندەك ئىسىملار بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى سىنىماقتا. يېقىندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاخبارات-نەشرىيات ۋە تەشۋىقات ساھەسىدىكى ئون مىڭلىغان ئىشچى-خىزمەتچىمۇ قەسەمياد يىغىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيىگە مۇتلەق ساداقەت كۆرسىتىش، ئىككى يۈزلىمىچى مەزمۇنلارغا قاتتىق زەربە بېرىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.