ئۇيغۇر ئېلىدە 11 ئاي ئىچىدە خەۋپسىزلىككە مۇناسىۋەتلىك 84 مىڭ خىزمەت ئورنىغا ئېلان بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-08-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردىن بۇيان خەۋپسىزلىككە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان خىزمەت ئورنى 84 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزنىڭ يېقىنقى دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىنغان. 

خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە 11 ئاي ئىچىدە ئېلان قىلىنغان ساقچىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئورنى ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئېلان قىلىنغان بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ سانىدىن 50 پىرسەنت كۆپ ئىكەن. 

خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «سىياسىي سەھنىدە بارغانچە كۆتۈرۈلۈۋاتقان چېن چۇەنگو شىنجاڭدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققىنى بىر يىل بولاي دەپ قالدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ساقچى خىزمەت ئورۇنلىرىدىمۇ پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىش كۆرۈلدى.»

خەۋەرگە قارىغاندا، ئادرىيان زېنز دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىنىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرقى 4 ئېيىدا جەمئىي 30 مىڭ خەۋپسىزلىك خادىمى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغانلىقى، ئەمما 2017-يىلى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى جىددىي رەۋىشتە كۆپىيىپ، پەقەت 7 ئاي ئىچىدىلا يېڭىدىن 53 مىڭ خەۋپسىزلىك خادىمى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەسسىلەپ كۆپەيتىلىۋاتقان خەۋپسىزلىك خادىملىرى ھەققىدە توختالغان زېنز: «بۇ جىددىي كۆپىيىش چېن چۇەنگو بىلەن بىللە كەلدى. بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاش بىلەنمۇ بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك» دېگەن.

چېن چۇەنگو ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىگە باش سېكرېتار قىلىپ يۆتكەلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەزەلدىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يەنە كۈچەيتىلگەنلىكى، بەزى شەھەرلەردە ھەر مىڭ مېتىردا بىردىن ساقچى پونكىتلىرى قۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت