ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە ئىككى نەپەر نازارەت دەرىجىلىك ئەمەلدار تەكشۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-03-20
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەنە ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان» لىقى سەۋەبلىك تەكشۈرۈلمەكتىكەن.

«ئاسىيا كىندىكى تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان ئىككى نەپەر ئەمەلدارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى نىجات مەخمۇت، يەنە بىرى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى دېڭ جاڭۋۇ ئىكەن.

خەۋەردە بۇ ئىككى نەپەر ئەمەلدارنىڭ تەكشۈرۈشكە ئېلىنىشىدىكى كونكرېت سەۋەبلەر، يەنى ئۇلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەنىڭ قايسى خىل «ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى» ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 19-مارت كۈنى دائىرىلەر يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى لى شۆجۈننى ئەمىلىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شۈ خەيروڭنى يېڭى سېكرېتارلىققا تەيىنلىگەن.

خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ رايوندىكى پەۋقۇلئاددە ئورنى ۋە رولىنى ئويلاشقان ھالدا مەزكۇر قارارنى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بۇ «تازىلاش»، چېن چۈەنگونىڭ شى جىنپىڭغا ماسلىشىپ، رايوندا ئۆزىنىڭ مۇتلەق ئورنىنى تىكلەش يولىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇنۇشى،دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت