‏19‏-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

19‏-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىريۇسسېلدىكى بىناسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەدەنىيىتىنى قوللاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

19‏-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر پائالىيەتنى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىلخان كۈچۈك، سابا سوگور قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ساھىپخانلقىدا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پائالىيەت ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن باشلىنىپ، ئارقىدىن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدىكەن. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىدە بۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ۋە مول مەزمۇنلۇق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بولغان دىققىتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يېقىندا قۇرۇلغان ياۋروپا پارلامېنتى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىدىكى تۇنجى پائالىيەت ئىكەن. ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، پائالىيەتنىڭ بېشىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتى چېكىۋاتقان ئىزتىراپلار، خەلقئارا قانۇنلارغا قانداق ماسلىشىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى قانداق ياخشىلاش قاتارلىق تېمىلاردا سۆز قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ چەكلىنىشى، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ۋە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىمۇ مۇھاكىمە بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت