ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەر پارتىيىدىن مىننەتدار بولۇش ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇشقا مەجبۇرلانماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.07.17

ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈر بالىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئوبېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۈگۈن تەڭرىتاغ تورىدا «بالىلارنى پارتىيىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيىگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىپ تەربىيىلەيلى» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئوچۇق خەت چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئوچۇق خەتتە بالىلارغا پارتىيىنى سۆيۈش، مىننەتدار بولۇش تەربىيىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئوچۇق خەتنىڭ ئىگىسى تۇرپان شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى گۈلشات ئەخمەت خېتىدە «...بىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، بالىلىرىمىزغا كىچىكىدىن تارتىپلا پارتىيىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىش، توغرا يولدا مېڭىش، بالىلىرىمىزنى ھەرقايسى مىللەت ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش، كىچىكىدىن تارتىپ بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك» دېگەن. 

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا بۇنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا بالىلارغا «مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغانلىق، دېدى. 

يېقىندا تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن بىر خەۋەردىن، يېڭىشەھەر ناھىيىسى ئارال يېزىلىق مەركىزى يەسلىدىكى بالىلارغا ھەر ھەپتىدە بىر سائەتتىن «مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈش دەرسى» ئوقۇتۇلىدىغانلىقى، بۇ دەرستە يەسلى بالىلىرىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتى، «قوش تىل مائارىپى» ھەققىدە تەلىم سۆزلەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئۇيغۇر  رايونىنىڭ  رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ يېقىندا يەسلى بالىلىرىغا يازغان بىر ئوچۇق خېتىدە، بالىلارنى «پارتىيە ۋە ۋەتەنگە رەھمەت ئېيتىپ، دائىم مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان ياخشى بالىلاردىن بولۇڭلار» دەپ چاقىرىق قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.