بەدەن تەكشۈرگۈچ ھەرقايسى قاتناش تۈگۈنلىرىدە ئورنىتىلىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.09.27

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي تەقىبلەر كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلەردىكى ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنلىرىدە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق بەدەن تەكشۈرگۈچ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورنىتىلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىدى.

«ھىندىستان تېز پويىزى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي «خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى» نىڭ تۇمشۇق شەھىرىدە تۇرۇشلۇق قىسمى يېڭىدىن 10 دانە بەدەن تەكشۈرگۈچنى تۇمشۇقتىن ئۆتىدىغان تاشيوللاردىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادەتتە ئايرودروملاردىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتە ساقچى خادىملىرىنىڭ قولدا كۆتۈرۈش ئارقىلىق يولۇچىلارنى تەكشۈرىدىغان ئەسۋابتا بىر ئادەمنى تەكشۈرۈشىگە ئاز دېگەندىمۇ 50 سېكۇنت كېتىدىكەن. ئەمما ئىشىك شەكلىدىكى بۇ يېڭى ئاپپارات 10 سېكۇنتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا يۇقىرى چاستوتىلىق دولقۇن ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە يوشۇرۇلغان مېتال ياكى پارتلاتقۇچ ماددىلارنى بايقىيالايدىكەن شۇنىڭدەك بايقىغان ھامان چىرقىراپ سىگنال بېرىدىكەن.

تۇمشۇق شەھىرىدىكى يول تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ مەسئۇلى شۇ يوڭشېڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ ئەسۋاب يوشۇرۇن پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تەكشۈرۈۋاتقان ساقچىلارنىڭ گۇماندار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،» دېگەن. ئۇ يەنە بۇ ئەسۋابنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ يېقىندا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. بۇ يوليورۇقنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى 19-قۇرۇلتايغا جىددىي تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.