قازاقىستان ئۇيغۇر كىنو رېژىسسورىنىڭ فىلىمى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-06-18
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئاۋسترىيەنىڭ لېنسىڭ شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن «دۆلەتلەر فېستىۋالى» دەپ ئاتالغان 45-قېتىملىق خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا قازاقىستان ئۇيغۇر رېژىسسورى بەختىيار ئىسلاموفنىڭ «ئەدىب ياشاۋاتقان جاي» ماۋزۇلۇق قىسقا فىلىمى «ئەڭ ياخشى تەجرىبىلىك فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

55 دۆلەتتىن 1000 دىن ئارتۇق فىلىم قاتنىشىدىغان مەزكۇر خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەختىيار ئىسلاموفنىڭ مەزكۇر فىلىمىنىڭ سېنارىيىسىنى ئۆزى يازغان، ئۆزى ئوپېراتورلۇق ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان. قازاقىستاننىڭ «برود.ئۆز» تورىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بەختىيار ئىسلاموف مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىپ سۆز قىلغان بولۇپ، باھالىغۇچىلار ئۇنىڭ بۇ فىلىمىنىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ۋە ئالاھىدە ماھارەت بىلەن ئىشلەنگەنلىكىنى ئېيتىشقان.

1986-يىلى، ئالماتا شەھىرىدە تۇغۇلغان 31 ياشلىق كىنو رېژىسسورى بەختىيار ئىسلاموفنىڭ بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر قانچە قىسقا فىلىملىرى خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەختىيار ئىسلاموفنىڭ «بالىلىق دەۋرىمدىكى بېرلىن ئاسمىنى» ناملىق قىسقا فىلىمى 2015-يىلى، ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانجېلېس شەھىرىدە ئۆتكەن خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى تەجرىبىلىك فىلىم» مۇكاپاتى ۋە ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 17-نۆۋەتلىك موندانسې خەلقئارا ئىلىم فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى قىسقا فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

تولۇق بەت