ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەكىللىك ئورنىنى كۆپەيتىشكە چاقىردى
2017.10.30
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي ۋەكىللىك ئورنىدا زور تەڭپۇڭسىزلىق بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەشكە، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ۋەكىللىك ئورنىنى كۆپەيتىشكە چاقىردى.
مەزكۇر تەشكىلات دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ رايوننىڭ «رەسىمى نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھوقۇقلىرىنى خىتايلار ئىگىلەپ تۇرماقتا» دېيىلگەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتتا كۆرسىتىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشانلىق باستۇرۇش نەتىجىسىدە سىياسىي بيۇروغا كىرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ۋەكىللىك ئورنىنى تېخىمۇ ئازايتىدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو يېقىندا چاقىرىلغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭ سىياسىي بيۇروغا كىرىشى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن قاتتىق قول سىياسىتىنى تەستىقلىغانلىق، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇرلارنىڭ نامىدا بولسىمۇ، بىراق ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك 81 ئورۇننىڭ 64% نى خىتايلار، ئاران 20% نى ئۇيغۇرلار ئىگىللەيدىكەن.
مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر رايونى نوپۇسىنىڭ 45.84 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار ئىگىللىسىمۇ، بىراق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سېپىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك 28 ئورۇننىڭ 21% ئۇيغۇرلار، 50% خىتايلار، قالغىنىنى باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى كۆپەيتىشكە، بۇ جەھەتتىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشقا چاقىرغان.