ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 1 - ئۆكتەبىر كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-09-29
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت


1 - ئۆكتەبىر كۈنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى 30 - سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا تىنچ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1 - ئۆكتەبىر كۈنلىرى يەنە گېرمانىيە، كانادا، نورۋېگىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى جەمىيەتلىرىمۇ نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تېخىمۇ كۈچەيتكەن باستۇرۇش ۋە مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 1 - ئۆكتەبىر كۈنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «ماتەم كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، ھەر قايسى ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتىدىن ھەر يىلى بۇ كۈندە نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈش، توي - تۆكۈن قىلماسلىق ۋە باشقىلارنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت