2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى پارىژ ۋە برۇسسېل شەھەرلىرىدە ئېچىلىدۇ

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-11-07
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت


2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىن بۇ قېتىم پارىژ ۋە برۇسسېل شەھەرلىرىدە ئېچىلىدىكەن.

ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى مەركىزىي ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، يىغىننىڭ دەسلەپكى قىسمى مۇشۇ ئاينىڭ 17 - ۋە 18 - كۈنلىرى بىريۇسسېل ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمى20 - نويابىرف فىرانسىيەدىكى پارىژ سىياسەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا ئامېرىكا رۇسىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە ئەنگلىيە، تۈركىيە،قازاقىستا، خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەت - رايونلاردىكى دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى، نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتىدىكەن.

يىغىننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىكى ئۆتكەن يىلى 25 - سېنتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (1)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىغۇ ياخشى بوپتۇ. يىغىن ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان بولساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ھە، بۇ يىغىننىڭ 3- قېتىملىغى قاچان قەيەردە ئېچىلىدىكەن؟

Nov 23, 2015 01:28 PM

تولۇق بەت