غۇلجا ناھىيەسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىنى چەكلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.10.13

غۇلجا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ‏‏10‏-ئۆكتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ۋە قازىق تىللىرىدىكى دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى بىردەك چەكلىگەن.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى چىقارغان باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك خىتاي تىلىغا كۆچۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دەرھال مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ يىل 7‏-ئايدا يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، ھەر قايسى يەرلىك مائارىپ تارماقلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەزكۇر ھۆججەتنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ يىل 7‏-ئايدا چىقارغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، خىتاي تىلىدىكى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىپلا قالماي، بەلكى ئۆز-ئار ئالاقىدار ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنى چەكلەپ، خىلاپلىق قىلغۇچلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى.

غۇلجا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدىكى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغاندىن سىرت، مەكتەپلەردە ھازىر بار بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىدىكى دەرسلىكلەرنى بىردەك يىغىۋېتىش، بۇرۇن دۆلەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش تۈزۈپ تارقىتىلغان «ئەخلاق ۋە قانۇن»، «تارىخ» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان. ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لو دەن، 13‏-ئۆكتەبىر رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا ئۆزلىرىنىڭ پات يېقىندا ئۇيغۇر ۋە قازاق تىللىرىنى چەكلەشكە دائىر تېخىمۇ كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. ئۇلار، «خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيەنى مەقسەت قىلغان بۇ ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ ئۆز قانۇنلىرىنى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا ئەھدىنامىلانى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلغانلىقتۇر،» دەپ تەنقىد قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.