تەشۋىقات تېكىستلىرىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە نەزەر تاشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-09-18
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىن كۆپچىلىككە مەلۇم بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەزكۇر رايوننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ياخشى چۈشىنىشتە تېگىشلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.

بۇنىڭدا ئاخبارات ساھەسىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدىن باشقا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەشۋىقات رەسىملىرى ھەمدە تەشۋىقات تېكىستلىرى ھەققىدىكى يازمىلارمۇ مۇۋاپىق ئورۇن ئىگىلەيدۇ. فرېدرېك دې ياڭنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «كونتېكىستتىكى ئۇيغۇر تېكىستلىرى: ئاممىۋى سورۇنلاردىن ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن شىنجاڭدىكى ھايات» ماۋزۇلۇق ئەسەر ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

گوللاندىيەدىكى ئۈترېخت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان پروفېسسورى فرېدرىك دې ياڭ 2008-يىلىدىن تاكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىنكى ۋاقىتلارغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەتتە بولغان. ئۇ بۇ جەرياندا ھەرقايسى ئاممىۋى سورۇنلاردىن سۈرەتكە ئالغان 126 پارچە ئۇيغۇرچە تەشۋىقات تېكىستىنى توپلاپ ئۇلارنى ئېنگلىزچىگە تەرجىمە قىلغان ھەمدە ئۇلارغا قىسقا شەرھى ئىشلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى رېئال تۇرمۇش بىر قېتىم تەپسىلىي قاراپ چىقىلغان.

مەزكۇر ئەسەرنى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق نەشرىياتلاردىن بولغان بىرىلل نەشرىياتى نەشر پىلانىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، كېيىنكى ئايدا نەشردىن چىقىدىكەن. ئاپتور بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت