بىڭتۇەن 2014-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن 1 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم «خەلق ئەسكىرى» ھەرىكەتلەندۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.08.03

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىڭتۇەن دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى» نىڭ «مۇقىملىقنى ساقلاش» ۋە «چېگرا رايوننى قوغداش» جەھەتتىكى ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، 2014-يىلى بىڭتۇەن دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان جىددىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 280 مىڭدىن ئارتۇق زاپاس كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىنى تەييارلىغان. ئۇلار ئاتالمىش «خەلق ئەسكەرلىرى» نى چېنىقتۇرۇش، تور بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ھەمدە جىددىي ۋە سەزگۈر پەيتلەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتەك ئالاھىدە خىزمەتلەرگە تەييارلانغان ئىكەن.

ئۇندىن باشقا، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن يەكەن قىرغىنچىلىقى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ۋەقەلەردە بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭ 1300 نەپەر ئالاھىدە ئەسكەرنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم. بىڭتۇەن دائىرىلىرى يەنە 2014-يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «مۇقىملىقى» ئۈچۈن 1 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىم «خەلق ئەسكىرى» نى ھەرىكەتلەندۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەننىڭ سېكرېتارى ۋە سىياسىي كومىسسارى خەن يۇڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىڭتۇەننىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە بىرىنچى مەسئۇلىيىتى - چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتۇر.  شۇڭا بىڭتۇەن ئۆزىنىڭ "ھەربىي" لىك خاراكتېرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ مېڭىشى كېرەك.»

كۆزەتكۈچىلەر، خەن يۇڭنىڭ بۇ سۆزى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئالاھىدە ئەسكىرىي ئورگان - بىڭتۇەننىڭ قىپيالىڭاچ ھەربىي ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ كۆرسەتتى، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.