بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونا مەھەللىلەرنى چېقىش قۇرۇلۇشىدا 900 مىڭ ئاھالە كۆچۈرۈلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-11-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كونا مەھەللىلەرنى چېقىش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى كونا شەھەر رايونلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن كىرىملىك 900 مىڭ ئاھالە كۆچۈرۈلۈپ، 360 مىڭ يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونلىرىنى چېقىش قۇرۇلۇشى بۇ يىل 4‏-ئايدا باشلانغان. دائىرىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىدە تەڭرىتاغ، سايباغ قاتارلىق 6 رايونىدىكى كونا مەھەللىلەرنى چېقىلىدىغانلىقىنى، چېقىلىدىغان رايونلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 173 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر بۇ يىل 6‏-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى چوڭ بازارنىڭ ئالدىدا كونا ئۆيلەرنى چېقىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

دائىرىلەر ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتلىرىدا، كونا شەھەر رايونلىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇشىنىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش باش نىشانى ئۈچۈن قىلىنغان چوڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كونا شەھەر رايونلىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى سىياسىي ئىستراتېگىيەگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانى بۇ رايونلاردىكى توپلىشىپ ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك يولىنى توسۇپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ تارىخىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ يىل 6‏-ئايدا «كونا مەھەللە، بازارلارنى چېقىپ ئۆزگەرتىش خىزمىتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» چۈشۈرۈپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ چېقىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى 2020‏-يىلدىن بۇرۇن ئورۇنلاپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت