«دۇنيا دىنىي خەۋەرلەر» تورى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-02
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

«دۇنيا دىنىي خەۋەرلەر» ناملىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك تورى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

مەزكۇر تورنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى نىشان ۋە تاكتىكىلارنى كەشىپ قىلىپ، دىنىي ئەركىنلىككە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى جايناماز ۋە دىنىي سىمۋوللۇق تۈسىدىكى بۇيۇمنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇپ، تاپشۇرمىغانلار «قاتتىق جازالىنىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«خىتاينىڭ سىز بىلىشكە تېگىشلىك يېڭى دىنىي كەمسىتىشى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتى بۇ رايوندىكى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي كەمسىتىشنىڭ داۋامىكەن.

ماقالىدا يەنە، ئۇلارنىڭ بىنورمال ساقال قويۇشى، بالىلارغا كۆپ ئۇچرايدىغان مۇسۇلمان ئىسىملىرىنى قويۇشى، دۇكانلارنىڭ ھالال بەلگىسى بار بۇيۇملارنى سېتىشى چەكلىنىپ، تاماكا، ھاراق سېتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى، مەسچىتلەردە «ئاللاھۇ ئەكبەر»، دېگەن سۆزنىڭ «ئانا ۋەتەن ئۇلۇغ» دېگەن سۆزگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى دۈشمەنلىكنىڭ سەۋەبى بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا باغلىنىشلىقكەن.

ماقالىدا، «دىنىي كەمسىتىشكە قارشى غەزەپ ۋە مۇستەقىللىق تەلىپى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئۇزۇن يىللىق ھادىسە بولسىمۇ، بىراق ھازىر مەزكۇر رايوننىڭ 40% نوپۇسىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتايلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىقتىسادى پىلان بۇ ئىختىلاپنى كۈچەيتتى. بۇ ئەھۋال كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋان ھەرىكەتلەر ۋە نارازىلىق خىتاينىڭ ھەربىي باستۇرۇشىنى پەيدا قىلدى» دېيىلگەن.

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى توقۇنۇشلارنى ئۇنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى «3 خىل كۈچلەر» ۋە خەلقئارا «تېررورلۇق گۇرۇھلىرى» غا ئارتىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت