ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جىڭ ناھىيە داخېيەن بازىرىدا ئىككى نەپەر دىنىي زات تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-11-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جىڭ ناھىيەسىگە قاراشلىق داخېيەن بازىرىدا بۇ يىل ئىككى نەپەر دىنىي زاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

داخېيەن بازىرىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ پەيشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، داخېيەن بازىرىنىڭ 9‏-كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق قازاق دىنىي زات مۇرات مەمەتجان بىلەن داخېيەننىڭ ئۇچبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق سېرىك قالىبېك بۇ يىل 5‏-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، 40 ياشلىق مۇختەر مەمەتجان ۋە 30 ياشلىق سېرىك قالىبېك تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى يەرلىك ج خ ئورگانلىرىغا بېرىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچى تەرەپ تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى، قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە تۇتقۇن قىلىش رۇخسىتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرسىتىشنى رەت قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 1‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، كۆپلىگەن دىندار ئاھالىلەرنى ۋە دىنىي زاتلارنى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە يىغىۋالغان. يەرلىك دائىرىلەر ئىلگىرى رادىيومىزغا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «مەسىلىسى بار» دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 9‏-ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى دەرھال تاقاشنى، بۇ يەرگە قامالغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

جىڭ ناھىيەسىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 5‏-ئايدا داخېيەن بازىرىدا يۇقىرىقى ئىككى دىنىي زاتتىن باشقا يەنە ئۇچبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئولتۇرۇشلۇق بولات بالتابېك، 4‏-كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق مۇرات قاۋسېن ئىسىملىك ئىككى ياش تۇتقۇن قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت