ئۇيغۇر ئېلىدا كۆچەت تىكىش ھاشارى داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.03.22

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ 22-مارت خەۋىرىگە قارىغاندا، كۇچا ناھىيەسىدىكى 5000 دىن ئارتۇق خەلق 20-مارتتىن باشلاپ خالىسانە كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش ئەمگىكىگە قاتناشتۇرۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، كۇچا ناھىيەسىنىڭ بۇ يىللىق كۆچەت تىكىش كۆلىمى 750 مو بولۇپ، ئاساسلىقى نىڭبو يولىنىڭ غەربى، كونا 314-لىنىيەنىڭ ئىككى قاسنىقىغا كۆچەت تىكىلىدىكەن.

4-فېۋرال ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى دائىرىسىدە يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ھاشار قاتارلىق ھەقسىز ئەمگەككە سېلىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغانلىقى، مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئاساس قىلغان بارلىق شەكىلدىكى ھەقسىز ئادەم ئىشلىتىشنى قەتئىي بىكار قىلىپ، ھەر قانداق ئورگان ۋە ئورۇننىڭ دېھقان-چارۋىچىلارنى ھەقسىز ئەمگەككە سېلىشىنى قەتئىي چەكلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە كەلكۈن كۆپىيىدىغان ئەتىياز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن يېزا-قىشلاقلاردا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا دېھقانلارنى «خالىسانە»دېگەن نامدا مەجبۇرىي ھەقسىز ئەمگەككە سېلىش، ھەقسىز ئەمگەككە چىقمىغانلارغا قارىتا جەرىمانە تۆلىتىش ياكى باشقا خىل ئۇسۇللاردا جازا قوللىنىش يەنە داۋام قىلماقتا. بولۇپمۇ 12-مارت خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتكەن كۆچەت تىكىش بايرىمى تېمىسىدىكى ھاشار ئەمگىكىنىڭ ھەممە جايلاردا ئومۇميۈزلۈك مەجبۇرىي ئېلىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم «ھاشار ئەمگىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئادالەتسىز سىياسىتى، ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، نۆۋەتتە خىتاي بۇنى مەيلى نېمە سەۋەبتىن بىكار قىلغان بولمىسۇن، بىرىنچىدىن، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بىكار قىلىمىز دېگىنى، يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۆز بويامچىلىق بولۇشى مۇمكىن» دېگەندەك گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاشارنى بىكار قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، «ئۇقتۇرۇش» نىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دېگەنلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ئېنىق قانۇن ياكى نىزام ئېلان قىلىنمىدى، جازالانغانلار تېخى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.