ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئىنتېرنېتنى تەقىبلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.12.29

29-دېكابىر كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە توردىكى مەزمۇنلارنى كونترول قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت، ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى» 100 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارقا-ئارقىلاپ ئىنتېرنېت تورىغا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى قاتتىق تەكىتلەۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ ئورگانغا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

چۈنكى، تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدا خىتايچە تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت، ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى» تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مەزكۇر ئىدارە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى، ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ساھەسىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇر مەزمۇنلارنى قانۇن بويىچە كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئورگان» دەپ بايان قىلىنغان. قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچى خادىملارمۇ مەزكۇر ئىدارە قارمىقىدىكى ئىنتېرنېت تورىدىكى جامائەت پىكرىنى ئانالىز قىلىش مەركىزى، كۆپ خىل تىللىق ئىنتېرنېت مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇش مەركىزى، ئىنتېرنېت تورى باھالاش مەركىزى، ئۇچۇر ۋە مەلۇم قىلىش مەركىزى، ئىنتېرنېت ئۇچۇر تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق 5 ئىشخانىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن.

خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئىنتېرنېت-ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى تېخى سەيشەنبە كۈنى «دۆلەت ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيىسى» ناملىق ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارغا قارىتىلغان كونترولنى كۈچەيتىپ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىدىكى خىزمەت ئېلانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تورىغا قاراتقان قامالنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي قوشۇن ھازىرلاۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.