دائىرىلەر 7 كىشىنى ئىنتېرنېت تورىدا تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىق ۋە باشقا زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش دېگەن جىنايەت بىلەن جازالىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-02-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتى ۋە شۇنداقلا تەڭرىتاغ تورى دۈشەنبە كۈنى تارقاتقان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا بەش نەپىرى ئۇيغۇر، ئىككىسى خىتاي جەمئىي 7 كىشىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق دىنىي رادىكاللىق ۋە باشقا زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ساقلاش ۋە تارقىتىش جىنايىتى بىلەن جازالىغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 21 ياشتىن 34 ياشقىچە ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى مەلۇم. بىراق خەۋەردە ئۇلارنىڭ ئىسىم فامىلىلىرى تولۇق ئاشكارىلانمىغان. تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تېررورلۇق، زوراۋانلىق، دىنىي رادىكاللىق ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ئائىت ئۈن سىن ماتېرىياللىرىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇنى تېلېفونىدا ساقلىغانلىقىنى ۋە ھەمبەھىرلىگەنلىكىنى، ئارىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۈندىداردىكى «مېھرى» ناملىق توپتا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي رادىكاللىقنى تەرغىب قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دېموكراتىك ئەللەردە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقى بولغان ئىدىيە-پىكىر ئەركىنلىكى، سۆزلەش ئەركىنلىكى ھېسابلىنىدىغان يۇقىرىدىكى ھەرىكەتلەر بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدە «جىنايى ئىشلار قۇنۇنى»، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «ئىنتېرنېت تورىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە يۇقىرىدىكى 5 كىشىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش ۋە 10 كۈن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئىككى نەپەر خىتايغىمۇ ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقىتىش، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش سىياسەتلىرىگە يامان نىيەت بىلەن ھۇجۇم قىلىش دېگەن جىنايەت بىلەن 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملىرى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن «پۇقرالارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش، سۆزلەش ھوقۇقىغا ئېغىر تەھدىت» دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە،بۇنداق بىر خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت