سايباغ رايون دائىرىلىرى تام ئاتلاپ چەتئەل تورىغا كىرگەن بىر خىتايغا 15 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-03-03
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى يېقىندا قول تېلېفونىدىكى VPN يۇمتالى ئارقىلىق ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق چەتئەل تور بەتلىرىگە تام ئاتلاپ كىرگەن بىر خىتاي پۇقراسىغا 15 كۈنلۈك مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سايباغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى بۇ يىل 18‏-فېۋرال چىقارغان مەمۇرى چارە كۆرۈش جازانامىسىدە سايباغ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي پۇقراسى مېڭ جۈنتاۋنىڭ بۇ يىل 8‏-يانۋار VPN يۇمتالىنى ئىشلىتىپ، چەتئەل تورلىرىغا تام ئاتلاپ كىرگەنلىكىنى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق «ئەكسىيەتچىل» تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، دائىرىلەر مېڭ جۈنتاۋنى شۇ سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنىڭغا 18‏-فېۋرالدىن 5‏-مارتقا قەدەر 15 كۈنلۈك مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 2016‏-يىلى چەتئەل تور بەتلىرىگە تام ئاتلاپ كىرىشنىڭ «تېررورلۇق» قاتارىدا جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق د ئۇ ق نىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي قانۇنى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلەرنىڭ مىللىتىگە قاراپ پەرقلىق ئىجرا قىلىنماقتىكەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، مېڭ جۈنتاۋغا 15 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىشنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئورنىدا بىر ئۇيغۇر تام ئاتلاپ كىرگەن بولسا، تېررورلۇق بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، «بىز قانۇن -نىزاملارنى دىن، ئېتنىك ئالاھىدىلىككە قاراپ ئىجرا قىلىشقا شىددەتلىك قارشى تۇرىمىز» دەپ كۆرسىتىپ، «قانۇن-نىزامنى پەرقلىق ئىجرا قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىشىغا يول ئېچىۋاتىدۇ» دېدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت