2018‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا 15 يىللىق مائارىپ تۈزۈمى ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-15
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2018‏-يىلى 15 يىللىق مائارىپ تۈزۈمى ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولىدىكەن.

«تەڭرىتاغ تورى»نىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنىڭ 2018‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ ھازىرقى مائارىپ تۈزۈمى 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرى 2012‏-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا 15 يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى يولغا قويغان. مەزكۇر تەكلىپنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر خىتاي ئەزاسى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، قۇرۇلتاي ئۇنىڭ تەكلىپىنى دەرھال قوبۇل قىلغان. مەزكۇر قۇرۇلتاي ۋەكىلى، 15 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ئارقىلىق كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئىدىيەلىرىنى يۇقتۇرۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«تەڭرىتاغ تورى»نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا 3 يىللىق يەسلى مائارىپى ئومۇملىشىپ بولغان. 2018‏-يىلى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ پۈتۈنلەي ئومۇملىشىپ بولىدىكەن. «تەڭرىتاغ تورى»نىڭ خەۋىرىدە يەنە ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى بىر مىليون 015 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭ 784 مىڭ 200 نەپىرىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى يەسلى بالىلىرىنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى 2020‏-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «قوش تىللىق مائارىپ» نى 100 پىرسەنتىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ 1‏-يىللىقىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە «قوش تىل سىنىپ» لىرىنى بىكار قىلىپ، بارلىق دەرسلەرنى خىتاي تىلىدا ئۆتۈشنى، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئومۇمىي يۈزلۈك خىتاي تىلىدا تارقىتىشنى يولغا قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت