«مۇقىملىق» نامىدا قەشقەردە بىر ئاي ئىچىدە 500 ئادەم تۇتۇلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.09.18

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ھازىرغا كەلگۈچە پەقەت قەشقەردىلا «مۇقىملىق» نامىدا تۇتقان ئۇيغۇر سانى 500 گە يېتىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئۆتكەن ھەپتە قەشقەردىكى مەلۇم بىر ئەدلىيە خادىمى ئىچكى ماتېرىياللاردىن ئېلىپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئاشكارىلىغان.

دىلشات رىشتىنىڭ مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە 100 گە يېقىن ئايالمۇ بار.

ئېيتىلىشىچە، بۇ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى «تەربىيە بېرىپ» قويۇپ بېرىلگەن، بىر قىسمىغا جەرىمانە قويۇلغان بولسا، يەنە بىر قىسمى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىغان قامالغان.

دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق قاتتىق قول سىياسىتى بىلەن رايوندا مىللىي ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى چېچىۋاتىدۇ. بۇ شۇنداق كېتىۋەرسە كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ نارازىلىق ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولىدۇ.

خىتاي دائىرىلەر تېخى بىر نەچچە ھەپتىنىڭ ئالدىدىلا قەشقەر قاغىلىقتىكى بىر ئۆيدە يىغىلغان ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقىرىپ، يىگىرمە نەچچە ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغان ۋە بىر نەچچىسىنى يارىلاندۇرغان ئىدى. بۇنداق قىرغىنچىلىق ئوخشاش مەزگىلدە پوسكامدىمۇ سادىر بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.