خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە مۇقىملىقنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-10-16
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي شەھەرلىرىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ  مۇقىملىق نامىدا ئېتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان  مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى يەنە مۇقىملىقنى تەكىتلىدى.

تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۇەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى 9 كۈنلۈك تەكشۈرۈشىنى سەيشەنبە كۈنى ئاياغلاشتۇرغان.

ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي قىسىملىرىغا «چېگرا مۇداپىئەسىنى  تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە پولات قورغان ھاسىل قىلىش» نى جېكىلىگەن.

چاڭ ۋەنچۇەن يەنە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى «بازىلىرىنى مۇستەھكەملەپ،  يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق بەرپا قىلىش،  سىڭىپ كىرىش، بۆلگۈچىلىك  ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈچەيتىش» نى تەلەپ قىلغان.

ئۇ: دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئىنتايىن زۆرۈر، دېگەن.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تېخى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىلا يەكەن ناھىيىسى تەۋەسىدە 5  نەپەر دىندار ئۇيغۇرنى «قارشىلىق كۆرسەتتى» دەپ ئۆز ئۆيىدىلا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت