كانادالىق ژۇرنالىست يەكەن ئېلىشقۇدا تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.08.24

كانادالىق مۇخبىر ناتخان ۋەندىركلىپپى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدا ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرىغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادانىڭ «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ناتخان ۋەندېركلىپپى 23-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى ئاخشامغا يېقىن يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىغا بارغان. ئۇ يەرلىكلەرنى زىيارەت قىلىپ 15 مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا ساقچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان ۋە كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ ساقچىخانىغا ئاپىرىلغان. ساقچىلار ئۇنىڭ سومكىسى ۋە كامېرالىرىنى تەكشۈرگەن.

ۋەندىركلىپپى ئېلىشقۇ ساقچىخانىسىدا ئۈچ سائەتتەك تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى سەھەرگە يېقىن قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ كومپيۇتېرىنى كېيىن ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇتۇپ قالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەردە چۈشكەن مېھمانخانىسىغا يېتىپ كەلگەن.

ۋەقەدىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى «يەرشارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى» باش تەھرىرى داۋىد ۋالمسلىي بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە، 2009-يىلى مەزكۇر گېزىتنىڭ يەنە بىر مۇخبىرىنىڭمۇ ئوخشاش ۋەقەگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بۇ بىزنىڭ مۇخبىرلىرىمىزنىڭ رايوندا ئىككىنچى قېتىم مۇشۇنداق زوراۋانلىققا ئۇچرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ يەردە يېزىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن ھېكايىلەر بار» دېگەن.

ۋەقە تىۋىتتېر تورىدىمۇ نۇرغۇن ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇرنى قامال قىلىش ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك بىر ئىسپاتى، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.