دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەخسۇس بايانات بەردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-08-11
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا دىنىي ۋە مىللىي بېسىم، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تۈرمىگە ئېلىنىش قاتارلىق بېسىملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى.

11-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئەمدى ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ، رايوندىكى قازاق قاتارلىق باشقا يەرلىك خەلقلەرگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇرۇلتاي باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمى داۋام قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، يېقىندىن بۇيان قازاقلارغا قاراتقان تەقىب ۋە چەكلىمىلىرىنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭمۇ مىللىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى، پىكىر ھەم ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلىمەكتە. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىرىمىز.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا يەنە، 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرلىرىنى كۈچلۈك دەرىجىدە ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن دىنداش ۋە قېرىنداش بولغان قازاق مىللىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن تەقدىرداش بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ زورلۇقىنى بىلدۈرگەن. قۇرۇلتاي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان قازاقىستان دۆلىتى ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىساد نامى ئاستىدا خىتاي بىلەن قاتتىق ھەمكارلىشىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

يېقىندىن بۇيان ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلار بويىچە، قازاقىستان يېشىل كارتىنى ئېلىپ، ئۇيغۇر ئىلىغا قايتىپ كەلگەن قازاقلارنىڭ پاسپورت ۋە يېشىل كارتىسى يىغىۋېلىنىپ، بەزى قازاقلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، سانجى ئوبلاستى چىتەي ناھىيەسىدە بىر يېزا مەسچىتىنىڭ قازاق ئىمامى رىزات ئېرسقاننى «دىنىي ئەسەبىيلىك» نى تەرغىب قىلدى، دەپ قولغا ئېلىپ، 7 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغانلىقىغا ئوخشاش نۇرغۇن ۋەقەلەر ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت