ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر جايلاردىكى تۈرمىلەرگە كۆپلەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلماقچى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدىكى ئاساسلىق تۈرمىلەردە خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ «خەلق تورى» ۋە ھەرقايسى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ جايلاردىكى تۈرمىلەرگە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقىرىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق بىرىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى تۈرمە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار تۈرمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۈرمە، يېڭى جىنايەتچىلەر تۈرمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قورۇمىغا يەتمىگەنلەر تۈرمىسى شۇنداقلا سانجى، تۇرپان، شايار، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى تۈرمىلەرگە جەمئىي 589 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

مەزكۇر ئېلاننىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش» ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى.

رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا پەقەت يېڭىسارنىڭ 13 مىڭ نوپۇسلۇق توپلۇق يېزىسىدىنلا ئاز دېگەندە 2 مىڭ كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر، يېڭىساردىكى بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى باشقا ناھىيە ۋە يېزىلارغىمۇ ئورتاق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەرگە كۆپلەپ خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىشنىڭ رايوندا تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلارنىڭ كۆپلۈكىدىن كېلىپ چىققان بىر ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت