دۆربىلجىن ناھىيىسىدە 500 چە سودىگەر تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.11.14

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدىن تارتىپ دۆربىلجىن ناھىيىسىدە قازاقىستان بىلەن سودا ئالاقىسىدە بولغان 500 چە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ بانكا ھېساباتلىرىنىڭ بولسا توڭلىتىلغانلىقى ئاشكارا بولدى.

دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەن بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ ساقچىلار تۇتقۇن قىلغانلارنىڭ ئاساسەن قازاقىستان بىلەن سودا قىلىپ پۇل تاپقان يەككە تىجارەتچىلەر ئىكەنلىكىنى، كۆپ قىسمى قازاق بولغان بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ھازىر غۇلجا شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۈرۈمچىلىك دوختۇر ئانارگۈل مالىك بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر ئايچە ئىلگىرى سىڭلىسىغا پوچتىدىن ئون مىڭ سوم خەلق پۇلى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى، ئەمما سىڭلىسى پۇلنى ئېلىپ ئىككى سائەت ئۆتە ئۆتمەيلا ساقچىلارنىڭ سىڭلىسىنى ئىزدەپ كېلىپ «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «تېلېفون ئۇرسام تۇغقانلىرىمدىن ھېچكىم قورقۇپ ئالمايۋاتىدۇ. ئاخىرى سىڭلىمنى ئىزدەپ ئۈچ قېتىم ساقچىخانىغا باردۇق، ئەمما خىتايلار بىزگە ھېچقانداق جاۋاب بەرگىلى ئۇنىمىدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا 5.1 مىليونچە قازاق ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان ئىكەن. ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى قازاقلارنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى چەكلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمدى ئۇلار قازاقلارنى جايلاشقا ئۆتمەكتە» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.