مۇئاۋىن نازىر شې خۇي 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-11-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى» نىڭ مۇئاۋىن نازىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان شې خۇي 2015-يىلى 22-ئىيۇلدا تەكشۈرۈشكە چاقىرتىلغان بولۇپ، 20-نويابىردا ئۇنىڭغا 20 يىللىق قاماق جازاسى ئېلان قىلىندى.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 21-نويابىردىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، شې خۇي ئەينى ۋاقىتتا ئاممىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن تەكشۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى سوت ھۆكۈمىدە ئۇنىڭ 42 مىليون سوم (6. 4 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) پارا ئالغانلىقى، 50 مىليون سوملۇق ئۆي-جاينىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەسلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «دۆلەتكە بىۋاسىتە 127 مىليون سوم ئىقتىسادىي زىيان سالغانلىقى» ئېيتىلغان. 

«سىنا تورى» دا ئېيتىلىشىچە، شې خۇي تۈرمە سىستېمىسىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە 221 كىشىنىڭ ئەمىلىنى ئۆستۈرگەن ھەمدە بۇ كىشىلەردىن جەمئىي سەككىز مىليون سوم پارا ئالغان. ئۇ يەنە دۆلەت تەستىقلىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ھۆددىگە بېرىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى قۇرۇلۇش شىركەتلىرىدىن غايەت زور مىقداردا پارا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شې خۇي 1963-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 2013-يىلىغا قەدەر 27 يىل ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۈرمە سىستېمىسىدا خىزمەت قىلغان ئىكەن. شۇ يىلى ئىيۇندا ئۇ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى» نىڭ مۇئاۋىن نازىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت