ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئۇيغۇر دىيارى ئۈچۈن ھۇل مۇئەسسە قەرزى تەستىقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-10-03
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ بانكىلاردىن بولغان «ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى» يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىغا 150 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىشنى قارار قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قەرز مەبلىغى ھۇل مۇئەسسە قۇرۇلۇشى ۋە ھاياتلىق مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى تەستىقلىغان بۇ قەرز مەبلىغى ئاساسەن سانجى خۇيزۇ (تۇڭگان) ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى فۇكاڭ، قۇتۇبى ۋە گۇچۇڭ ناھىيەلىرىنىڭ سۇ تۇرۇبىسى، ئىسسىنىش ۋە گاز يوللىرى قاتارلىق ھۇل مۇئەسسە ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ قۇرۇلۇشنىڭ نەتىجىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلار ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئىچكىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن ھەمدە ئۈرۈمچى ئەتراپلىرىغا يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى بولۇشى مۇمكىن» دېيىشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، باش ئورگىنى فىلىپپىندىكى ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى 1966-يىلى «دۇنيا بانكىسى»نىڭ سىستېمىسى بويىچە تەسىس قىلىنغان بولۇپ ئامېرىكا، ياپونىيە، خىتاي، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغان ئاساسلىق ئەزا مەملىكەتلەر ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت