بېرمۇدالىق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان كىتابى رەسمىي بازارغا سېلىنغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-08-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

بېرمۇدالىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ سابىق گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە يازغان كىتابى رەسمىي بازارغا سېلىنغان. ئۆسمۈر ئاپتور كىتابىدىن كىرگەن كىرىمنى بېرمۇدادىكى بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي رەسمىيەتلىرىنىڭ چىقىمى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئۇيغۇرلار - جەننەتتىكى مەھبۇسلار» ناملىق بۇ كىتاب 16 ياشلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھاسنا تۇرنېر تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، كىتاب بۇ ھەپتە نەشردىن چىققان ئىدى.

مەزكۇر كىتابتا گۇەنتانامودىكى 8 يىللىق تۇتقۇنلۇق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2009-يىلى بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھايات ھېكايىسى بايان قىلىنغان. 

ھاسنا تۇرنېر بېرمۇدادىكى «سومېرسفېيلد ئاكادېمىيەسى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خۇسۇسىي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ، مەزكۇر كىتابنى بۇ يىل فېۋرالدا مەكتەپنىڭ 2-مەۋسۇملۇق تاپشۇرۇقى سۈپىتىدە باشلىغان ئىكەن. 

بېرمۇدادىن چىقىدىغان «رويال» گېزىتىدە نەقىل قىلىشىچە، ھاسنا مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ بۇ ئارالغا كەلگەنلىكىنى كىشىلەر بىلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ تېخىچە بېرمۇدادا ئىكەنلىكنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئۈن-تىنسىز ئازاب چەكمەكتە.»

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان كىتابىڭ چۈشەندۈرۈشىگە «رىيال ۋەقەلەر خاتىرىلەنگەن بۇ كىتابتا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇشەققەتلىك زۇلۇمىدىن قېچىپ ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى جەرياندا تۇتۇلۇپ قالغان» 4 ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى پائالىيىتى خاتىرىلەنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

كىتاب www.lulu.com تورىدا سېتىلىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2009-يىلى سالاھىدىن ئابدۇللا، خالىد مامۇت ۋە ئابدۇللا ئابدۇقادىر قاتارلىق 4 ئۇيغۇرنى گۇەنتانامودىن بوشىتىپ بېرمۇداغا يەرلەشتۈرگەن. 

شۇندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇرلار بۇ ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئارالدا ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشقان. ئەمما ئۇلار يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۆزلىرىگە پاسپورت بېرىشىنى ۋە ياكى بۇ دۆلەتتىن 3-بىر دۆلەتكە بېرىۋېلىشىغا يول بېرىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى قانائەتلىنەرلىك جاۋابلانمىغان. 

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنگلىيە ھامىيلىقىدىكى بېرمۇدا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان قانۇنىي كۈرۈشىنى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت