ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 2015-يىلىدا «مىليون كىشىلىك ئاياللار تەشۋىقات پائالىيىتى» پىلانلىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.08.03

«ئاسىيا كىندىكى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 31-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پىلانلىغان «مىليون كىشىلىك ئاياللار تەشۋىقات پائالىيىتى» نىڭ بىرىنچى قارارلىق تەشۋىقاتچىلار توپى ئۈرۈمچىدە لېكسىيە سۆزلەشكە باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بىرىنچى قاراردا تەربىيەلىنىپ چىققان 60 نەپەر تەشۋىقاتچى ئاكتىپ ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقتاغ رايونى ۋە تەڭرىتاغ رايونىدىكى دۆڭكۆۋرۈك ئاھالىلەر رايونى قاتارلىق 20 مەھەللىدە ئاممىۋى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. بىرىنچى قاراردىكى 60 نەپەر لېكسىيەچىنىڭ 58 نەپىرى ئۇيغۇر، بىر نەپرى خىتاي، بىر نەپىرى قازاق ئاياللىرىدىن تاللانغانلار ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، «مىليون كىشىلىك ئاياللار تەشۋىقات پائالىيىتى» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىۋاسىتە پىلانلىشى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنى ئاتالمىش «زامانىۋى مەدەنىيەت» كە يېتەكلەش، «جۇڭخۇا ۋەتەنپەرۋەرلىك» ئىدىيەسىنى كۈچەيتىش، ئومۇميۈزلۈك ھالدا خىتاي دۆلەتچىلىك ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە مۇقىملىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇش شۇنداقلا «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ھەم «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇشتەك مەزمۇنلار تەشۋىق قىلىنماقتىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي تەشۋىقات مۇھىتىنىڭ ئاشقۇنلۇق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.