ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىم مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسى قۇرۇلماقچىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.03.02

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بويىچە 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن «مۇقىم مۈلۈكلەرنى تىزىملاش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن ۋە بايلىق نازارىتىنىڭ قارمىقىدا «ئاپتونوم رايونلۇق مۇقىم مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسى» تەسىس قىلىنماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇقىم مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسى يەر-زېمىن، تۇرالغۇ ئۆي، ئورمانلىق، يايلاق ۋە سۇ مەنبەسى قاتارلىقلارنى تىزىملاش ۋە باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خىتاي ئىچى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ بەلگىلىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىر تەرەپتىن خىتايدىكى پارىخورلۇقنى تىزگىنلەشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەخسلەرنىڭ مۇقىم مۈلكىنى كونترول قىلىش ئۈچۈندۇر، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.